- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىدۇ
2014.06.06 08:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، جۇڭگو مائارىپ تورىدا «2014-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇللاش ھەققىدە تەكشۈرۈش» ئېلان قىلىندى. بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇمكى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئۇدا بەش يىل كېمەيگەندىن كېيىن بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن 2020-يىلى ئەتراپىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە 18 ياش ئەتراپىدىكى نوپۇس ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ. «ئوقۇغۇچى مەنبەسى كىرىزىسى» كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك خىرىسلار ئالدىدا، ئىسلاھات ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ «كىرىزىس»نى «پۇرسەت» ئايلاندۇرۇشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ قالىدۇ.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر