- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
2014.02.18 15:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 19 شەھەرنى نۇقتا قىلغان ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2014-يىلى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھانسىز يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ 19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەر 4 بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 5 پىلانى ئايرىم شەھەر ۋە 10 مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلكە مەركىزى شەھەرنى كۆرسىتىدىكەن. 2015-يىلىغا بارغاندا، نۇقتىلىق چوڭ شەھەرلەردە %100 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشى، %90دىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر