باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟(1)

2013.10.21 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە ئوخشىمىغان رايونلار ئارسىىدىكى مائارىپ پەرقىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك مەسىلە-يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە چىقىش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكى. كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەرقىي ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش پەرقى چوڭ ئەمەس، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېىيتقاندا، يېزىلار بولۇپمۇ ئوتتۇرا غەربىي قىسىمدىكى يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. مائارىپ مىنستىرى يۈەن گۈيرېن مائارىپ ئادىللىقىدىن مۇشۇنداق ھەسرەتلەنمەكتە.

  ئېلىمىز ئالىي مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە يېزا ئوقۇغۇچىلىرى 1990-يىلدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن %10كە چۈشۈپ قالغان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدا 2010-يىلى يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ئاران %17نى ئىگىلىگەن. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۇرىدىكى، «قانچە ئاساسى قاتلامدىن كەلسە، شۇنچە ياخشى مەكتەپكە چىقالماسلىق»تىن ئىبارەت بۇ يۈزلىنىش كەسكىنلەشمەكتە. مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى مائارىپ تەڭپۇڭسىزلىقى ھادىسسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشىنىڭ ناھايىتى قېيىنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئوبيىكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا. ئالىملار ئاكتىپ مۇراجىئەت قىلىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋامىدا بەلگىلىك ساننى يېزا رايونلىرىغا بەردى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رايونلاردىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئۆگىنىش نەتىجىسى مۇنەۋەر ياكى مەلۇم جەھەتتە يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بار يېزىلاردىكى شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، «ئارزۇ پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولۇپ، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.

  بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما بىلىم ئېلىش ئىنتايىن جاپالىق بولىۋاتقان مەزگىلىدە تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن، زاى نېمە يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىشگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تىرشىچانلىقنى توسۇۋاتقىنى زادى قايسى يول؟ بۇ يەردىكى ئاچقۇچ يەنىلا مائارىپ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە. يېزا مائارىپى- ئېلىمىز مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قېيىن نۇقتا. «يېزىلارنىڭ شەھەر يېزىلارنى قوللاش» تەسىرىدە مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشتە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن شەھەرلەرنى تەمىنلەش، بۇ داڭلىق مەكتەپلەر بايلىقىنىڭ زىيادە شەھەرلەرگە مەركەزلىشىپ قىلىش ھادىسسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردا يېزا مائارىپى گەرچە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما « شەھەر يېزىلارنىڭ تەتۈر ئېسىلىپ تۇرۇش» ھادىسسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. يۈەن گۈيرېن ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى مالىيە خامچوت ئىشلىرى چىقىمىدا يېزا بىلەن شەھەرلەرنىڭ 700يۈەن پەرقلەنگەن. ئادەتتىكى تولۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ چىقىمىدا يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ 900يۈەن پەرقلەنگەن. راسخوت سېلىنمىسى يېتىشمەسلىكتىن باشقا، يېزا مائارىپى يەنە ئوقۇتۇش شارائىتى ناچار بولۇش، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى جەلپ قىلىش تەس بولۇش، قىسمەن يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى نىسپەتەن چوڭ بولۇش قاتارلىق قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر