- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش باشلاندى، تىزىملىنىۋاتقانلار ئۇدا 9 يىل مىليۇندىن ئاشتى
2013.09.26 14:14 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەتلىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 2014-يىلى 4-يانۋاردىن 6-يانۋارغىچە ئېلىنىدىكەن، 25-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
ئىستاتسىتىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسپىرانتلىققا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچى سانى ئۇدا توققۇز يىل 1 مىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، ئۇدا تۆت يىل 100 مىڭدىنئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاشقان. 2013-يىلى مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملانغان ئادەم سانى 1 مىليۇن 760 مىڭغا يېتىپ، 2012-يىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش يەنىلا توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا تەستىقلاش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن: 25-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچى ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 10-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇش باسقۇچى بولۇپ، بارلىق ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، ئىككى باسقۇچتا تىزىمغا ئالدۇرسا ئوخشاشلا ئىناۋەتلىك ئىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى كۈندە سائەت 9:00دىن 22:00گىچە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن. بارلىق ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كىيىن چوقۇم 2013-يىلى 10-يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە چوقۇم نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر