- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ
2013.07.05 14:38
نۆۋەتتە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان . 4-ئىيۇل ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى 3-ئىيۇل سائەت 21:00 دىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان .
ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn) غا چىقىپ ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ سىستېمىسىغا كىرىپ ، كىملىك نومۇرى ، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن .
ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئالدى بىلەن 3-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمگە (ھەربىي ، ساقچى ، سەنئەت ، تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ) 5800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن .
ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە ، مەسلىھەت سورىماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىغا بېرىپ ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى (8750000-0991) بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە