- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى بۈگۈن ئېلان قىلىنىدۇ
2013.06.25 14:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار 25 – ئىيۇندىن باشلاپ تور، يان تېلېفون ئۇچۇرى قاتارلىق تۆت خىل شەكىلدە ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە باشقا بېكىتىلگەن تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە شىفىرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى 28 – ئىيۇن ئەتراپىدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىدىكەن. 3 – ئىيۇلدىن باشلاپ توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن. بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 6700 ئوقۇغۇچى ئارتۇق قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرسە بولىدىكەن:
1 . تور بېكىتى ئارقىلىق تەكشۈرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى: www.xinjiang.gov.cn
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى: www.xjedu.gov.cn
شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى: www.xjzs.edu.cn
شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى: www.ts.cn
2 . جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ رەقەملىك مەكتەپ تورى (xj.cmccedu.net)، شىنجاڭ سىمسىز شەھەر تورى (www.xjwxcs.com)، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان لىنىيەسى تورى (xjgk.xjedu.gov.cn)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنشىكا نومۇرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يان تېلېفونغا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىنىدۇ.
يان تېلېفوندا شىنجاڭ سىمسىز شەھەر تورى (wap.xjwxcs .com)غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى يان تېلېفونغا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىنىدۇ.
‹‹شىفىر# ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى #GK››نى ‹‹10658333›› غا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن بېكىتكىلى بولىدۇ ياكى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
‹‹12580›› غا تېلېفون بېرىپ ئاپتوماتسىز مۇلازىمەت ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
3 . جۇڭگو تېلېگراف ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ‹‹1183666››، ‹‹1183888›› غا تېلېفون بەرسە بولىدۇ. ‹‹شىفىر# ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرى #GKYY››نى ‹‹1065920160›› غا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن بېكىتكىلى بولىدۇ ياكى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
4 . شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى
شىنجاڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تەڭرىتاغ بۇلۇتى باش بېتىدىكى بۇلۇت ئۇچۇرلىرى سەھىپىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە