باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شىنجاڭدىن 28 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

2013.06.06 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى بۇ يىل شىنجاڭدىن 28 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 5-ئىيۇن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى پىروفېسور جوۋ شۇاڭچۈەن مۇنداق دېدى: 28 پىلان ئىچىدە، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن ھەر قايسىسىدىن 12 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلاندى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شاڭخەي تىببىي ئىنىستىتۇتىغا 4 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. تەبىئىي پەندىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېماتېكا كەسپىگە بىر نەپەر، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبە سىنىپىغا تۆت نەپەر، تېخنىكا ئىلمى تەجرىبە سىنىپىغا 3 نەپەر؛ ئىجتىمائىي پەن: جۇڭگو ئاخبارات تارقىتىش ئىلمى كەسپىگە ئىككى نەپەر، جەمئىيەتشۇناشلىق ئىلمى تەجرىبە سىنىپىغا 3 نەپەر، ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجرىبە سىنىپىغا ئىككى نەپەر، قانۇنشۇناسلىق كەسپىگە بىر نەپەر، خەنرۇ ئەدەبىياتى كەسپىگە بىر نەپەر، تارىخ ۋە پەلسەپە كەسىپلىرىگە بىر نەپەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ شاڭخەي تىببىي ئىنىستىتۇتى كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە (8 يىللىق) ئۈچ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىگە (بەش يىل) بىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  پىروفېسور جوۋ شۇاڭچۇەن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، پەقەت شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ياخشى بولسىلا، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، 2013-يىللىق فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى تىببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىدا تۇنجى قېتىم ئايرىم ۋاكالەتچىلىك نومۇرى ئىشلىتىلدى. ئارزۇ تولدۇرغان ۋاقىتتا دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتىغا تېزىملىتىشنى ئارزۇ قىلسا، 9-ئىيۇن بىڭتۇەن 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. (شېن زۇشياۋ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە