- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ ھەر بىر پۇڭىنىڭ دەل جايىغا سەرپ قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم
2013.03.04 17:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، «مائارىپ پىلانى پىروگراممىسى»دا، دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ راسخوتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى 2012-يىلى %4كە يەتكۈزۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇخبىرنىڭ يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە راسخوت باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر بىر تىيىن پۇلنىڭمۇ دەل جايىغا سەرپ قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. (يۈەن شىنۋېن، جاۋ ئېنا خەۋىرى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە