باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

چۇڭچىڭدا بۇ يىلدىن باشلاپ مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىش ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدۇ

2013.03.01 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 28-فېۋرال، چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بۇ يىلدىن باشلاپ چۇڭچىڭ شەھىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. 1-مارتتىن باشلاپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ مەكتەپ تاللاش ھەققى ئالغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قالايمىقان ھەق يىغىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ، چۇڭچىڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدۇ ھەمدە تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، 1-مارتتىن باشلاپ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەق يىغقان باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى بىردەك خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە