- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىقى جياڭشىدىكى يەسلى ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى
2012.12.26 18:29 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گۈيشى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 15 يەسلى بالىسى ئولتۇرغان مىنىبۇس كۆلگە چۈشۈپ كېتىپ، 11 بالا قازا قىلغان ھادىسە توغرىسىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 25-چېسلا يەنە بىر قېتىم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر مەكتەپكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدىغان ھادىسىلەرنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە