- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلىتىمىز كېلەر يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ
2012.12.25 14:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەرقانداق مەكتەپ ھەرقانداق سەۋەب ۋە باھانە بىلەن تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىنى ئىگىلىۋالسا بولمايدۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندە بىر سائەت چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 2013-يىلدىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ ھەم تەنتەربىيەنى مۇپەتتىش قىلىش-باھالاش نەتىجىسى دەل ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۇدا ئۈچ يىل تۆۋەنلىگەن رايون ۋە مەكتەپلەر مائارىپ خىزمىتىنى باھالاش ۋە ئىلغار-نەمۇنىچىلەرنى باھالاشتا «چورتلا ئىنكار قىلىنىدۇ».(جاڭ شو، ليۇ دەي خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە