باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئىمتىھان سوئاللىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق چىقىرىلسا...

غۇنچەم ئەخمەت

2012.12.19 08:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، توردا مۇنداق بىر ئىش قىزىق نوقتىغا ئايلاندى: گۇاڭجۇدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا مۇنداق بىر سوئال چىققان. بىر ماشىنا A ئورۇندىن سائىتىگە 165 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن B ئورۇنغا مېڭىپ، 12 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ بولدى، B ئورۇنغا يەنە 380 كىلومېتىر قالغان بولسا، A، B ئىككى ئورۇننىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟

  4–يىللىق ئوقۇغۇچىسى بۇ سوئالغا: بۇ ماشىنا بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەلگەن، قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، دەپ جاۋاب يازغان. بۇ جاۋاب توردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردا توغرا تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى، ئەخلاق قارىشى يېتىلدۈرىدىغان ھالقىلىق جەريان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ جەرياندا توغرا دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، توغرا ئانالىز ئۇسۇلى تۇرغۇزالىسا، بۇ مائارىپنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى بولىدۇ.

  مەكتەپلىرىمىزدە يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش لوگىكىغا، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان سوئاللار كۆپ چىقىرىلىدۇ. يەنە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى مۇنداق چىقىرىلغان: مايمۇن، توشقان، مۈشۈكئېيىق، يولۋاسلارنىڭ ئىچىدە قايسى ھايۋان قالغان ئۈچىگە ئوخشىمايدۇ؟ ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنى: مۈشۈكئېيىق. چۈنكى ئۇنى باغچىدا ئادەملەر تەرىپىدىن بېقىلىدۇ، دەپ بېكىتكەن.

  ھازىر، ساپا مائارىپى ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە سىڭگەن بولۇپ، ساپا مائارىپى بولسا پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا تېگىشلىك بولغان زور ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش. بىز ئىلگىرى ماتېماتىكا دەرسىدە ھېسابنى توغرا ئىشلىسىلا بولدى، دەپ قارايتتۇق، ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس. ھەر بىر دەرسنىڭ ئەڭ ئاددىي بىر مىسالىمۇ ئۆزىگە خاس بىر مەزمۇن، بىر ئىدىيىنى ئىپادىلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇنى قانداق يەشسە، شۇنداق تەپەككۈرنى قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا–ئانىلار، ئوقۇتقۇچى–ئۇستازلار ياش–ئۆسمۈرلەرگە، بولۇپمۇ باشلانغۇچنىڭ بىلىم بوسۇغىسىغا ئەمدىلا قەدەم قويغان سەبىيلەرگە خاتا ئۇچۇر، خاتا قاراش يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

  شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار سوئال چىقارغاندا، نوقۇل ھالدا ئۆلچەملىك جاۋابنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ لوگىكىلىق تەرەپلىرىنىمۇ ئويلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا خاتا ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە