باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىز ۋە ئۇنىڭ پايدىسى (1)

2012.12.19 08:52        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇر لۇغەتچىلىكى 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان بەكلا يۈكسەلدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا نۇرغۇن ئىزاھلىق لۇغەت نەشر قىلىندى. ئىستېمالىمىزدىكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان ئىزاھلىق لۇغەتلەر تىلىمىزنىڭ لېكسىكا بايلىقىنىڭ مۇھىم ئۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەلۇمكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، تىلشۇناسلىقىمىز تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭ بىلەن لۇغەتچىلىكىمىز، جۈملىدىن، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىز مەدەنىي ھاياتىمىزنىڭ يارقىن ئەينىكىگە ئايلاندى. شۇڭا، بۇ يازمامدا بۇ خىزمەتلەر ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچىمەن.

  1.ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى». بۇ لۇغەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا تۈزۈلگەن. بۇ لۇغەتكە 70 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن.

  بۇ لۇغەت تىلىمىزنىڭ ھازىرغىچە تۈزۈلگەن ئىزاھلىق لۇغەتلىرى ئىچىدە سۆزلۈكلەر ئەڭ كۆپ، سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋارىيانتلىرى تولۇق كىرگۈزۈلگەن لۇغەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېنسىكلوپېدىيەلىك لۇغەتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ لۇغەت نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرمۇنچە يېڭى ئىزاھلىق لۇغەت تۈزۈلۈپ نەشر قىلىندى. بۇنىڭغا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان بىر توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، «ئۇيغۇر تىلىغا چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان ئالتە قىسىملىق «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ئۈچ قىسىملىق «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. دېمەك، ئالتە توملۇق «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ھازىرغا قەدەر تۈزۈلۈپ نەشر قىلىنغان ئىزاھلىق لۇغەتلەرنىڭ ئانا لۇغىتىدۇر.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە