 |
|
ﯪﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﯮﺑﯘﻟﻘﺎﺳﯩﻢ 1976-يىلى غۇلجا ﺷﻪھىرى
قارىۋاي مەھەللىسىدە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. دىيارىمىزدىكى
مەتبۇئاتلاردا 250 ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﯪﺭﺗﯘﻕ شېئىر ـ داستان،
ماقالىلەرنى ئېلان قىلىنغان. 2013-يىلى «كەشتە
يوپۇرماق» ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن
مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا «ئىلى
ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. |
|
|
تالانتلىق شائىر، ژۇرنالسىت
ۋاھىتجان ئوسمان 1963-يىلى ئاقسۇ
كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ھازىرغىچە 500
پارچىدىن ئارتۇق شېئىر باللادا ئېلان قىلغان.
شائىرنىڭ «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شىئېرلار
توپلىمى 2012-يىلى مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز
سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى «تۇلپار» مۇكاپاتىغا
ئېرىشتى
|
|
|
شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964- يىل
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا
كەلگەن. 1985-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا
ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان
«كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە
تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش
مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر. |
|
|
ئىجتىھاتلىق،
تىرىشچان باغۋەن ئەكبەر قادىر 1966-يىلى 4-ئايدا
بورتالادا تۇغۇلغان، 1972-يىلى ئاتا ـ ئانىسى
بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ
قالغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا
تاماملىغاندىن كىيىن، 1984-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە
شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىدا ئۇيغۇر تىل ـ ئەدەبىياتى
كەسىپىدە ئوقۇغان. |
|
|
قەھرىمان
روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30- دېكابىردا باي
ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھازىر باي ناھىيەلىك
رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.ئۇنىڭ
ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى 30پارچىدىن
ئارتۇق نەسرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان
قىلىنغان【سەھىپىسى】. |
|
|
ياش
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر
قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئالىي
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش
ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن تۇنجى شېئىرلار
توپلىمى «تەتۇر چىقىن» نەشىرقىلىنغان قەشقەر
ئۇيغۇر نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدە مۇھەررىر
بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ..【سەھىپىسى】 |
|