- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش كېرەك
− ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا (1)
2015.05.06 15:52 مەنبە: خەلق تورى
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەختى، مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا چىقىرىلغان يۈكسەك پىلاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قارىتا چىقارغان ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، دۇنيانىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكگە قارىتا مۇنداق ئۈچ خىل قاراش بار، بىرىنچى، يېشىللىقنى قۇربان قىلىشنىڭ بەدىلىگە بايلىققا ئېرىشىش، ئىككىنچى، بايلىققىمۇ، يېشىللىققىمۇ ئېرىشىش، ئۈچىنچى، يېشىللىقنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. «ئېكولوگىيە گۈللەنسە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا مەدەنىيەت خارابلىشىدۇ»، «ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغداپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ»، بۇ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى شۇنداقلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش. تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش چوڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا جاسارەتلىك، ياراملىق بولغاندىلا، ئاندىن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا گۈزەل جۇڭگو قۇرغىلى بولىدۇ.
ياخشى بولغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەڭ ئادىل بولغان جامائەت مەھسۇلاتى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختى. «ھاياتلىق تىلەش»تىن «ئېكولوگىيە تىلەش»كىچە، «ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىزار بولۇش»تىن «مۇھىت ئاسراشقا ئىنتىزار بولۇش»قىچە كىشىلەرنىڭ پاكىز سۇ، يېشىل يېمەكلىك، ساپ ھاۋا، گۈزەل مۇھىت قاتارلىق ئېكولوگىيەگە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى 60 نەچچە قېتىم تىلغا ئېلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشنى پەقەت ئىقتىساد مەسىلىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، «بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ سىياسەت بار»، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا بىر قاتار مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر