باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىت-ئېنىرگىيە

شىنجاڭدىكى تۆت كارتون كارخانىسى دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى

بۇ كارخانىلار ئالاقىدار باج سىياسەتلىرىدە ئېتىبارغا ئېرىشىدىكەن

2012.12.20 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى بىرلىشىپ 2012-يىلى ئېتىراپ قىلىنغان كارتون فىلىملىرى شىركىتى تېزىملىكىنى ئېلان قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 110 ئېتىراپ قىلىشقا ئېرشىكەن كارخانا ئىچىدە، شىنجاڭدىكى تۆت كارخانا تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى. ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭدىكى قارلۇق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خېدۇ كارتون پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇايى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ مەنلۇڭ رەقەملىك تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار .

  بەلگىلىمە بويىچە، تەستىقتىن ئۆتكەن كارخانىلار «كارتون كارخانا گۇۋاھنامىسى»گە ئېرىشىدىكەن، كارخانا بۇ يىللىق ئۈنۈملۈك «كارتون كارخانىسى گۇۋاھنامىسى»گە تايىنىپ، ئۆزلىرى ئىشلىگەن كارتون مەھسۇلاتلىرى تېزىملىكى بىلەن باج ئورگانلىرىدىن ئالاقىدار باج ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كارتون فىلىملىرى تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن ، بۇ يىل 3-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭ كارتون ئىشلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇلدى. ئەزا ئورۇنلار ئوندىن ئارتۇق كارتون شىركەتلىرى ۋە كارتون كەسپى تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە كارتون كارخانىلىرى، ھەرخىل كارتون تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى مەخسۇس قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ كارتونچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا نەپ يەتكۈزىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە