باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ جىبو، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا مۇھتاج دېدى

2013.03.05 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ياڭ جىبو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
  مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر بىخەتەر، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ، سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن سىستېما بولۇپ شەكىللەنگەن،مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مۇسۇلمانلاردىن باشقا كۆپلىگەن ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىمالچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا يېمەكلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭگۈشتىرى بولۇپ قالدى

  بىراق، ئېلىمىزنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتى ئەمدىلا باشلاندى، تەرەققىيات جەريانىدابوغما ھالەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىبو يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەتنى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە قارىتا ماكرولۇق تەڭشەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاشقا دەۋەت قىلىپ «دۆلەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ سىياسەت بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئايرىم ئۆلكە، شەھەر، رايونلاردىلا توختاپ قالماسلىق كېرەك». ياڭ جىبو يەنە مۇنداق دېدى: :«نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى مەملىكىتىمىزدە باشلامچى بولۇپ ئىلگىرى ـ ئاخىر مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قوللاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كارخانىلىرى يەنىلا ئاز، چۈنكى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا مۇسۇلمانچە كارخانىلار قوشۇنى شەندۇڭ، خېنەن ئۆلكىلىرىدە خېلىلا روناق تاپقان، ئۇلارنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى قانداق قىلىپ بىرىكتۈرۈش،ئېتىبار سىياسەتلىرىنى بېرىشنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئويلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر