باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

2013.03.05 14:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر ساھە، ھەرمىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 4 – مارت سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتىنى گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق 32 ئەزاسى گۇرۇپپا يىغىنىدا ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، بەس – بەستە سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، ئەزا نۇرلان ئابىلمەجىن مۇزاكىرىدە مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت توغرىسىدىكى ئالتە مۇھىم تەجرىبە ئەمەلىيەتكە يېقىن بولۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلەنگەن مۇھىم قانۇنىيەتلىك تونۇش، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەت توغرىسىدىكى تەكلىپ ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئەمەلىي بولۇپ، يېڭى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

  ئەزالار مۇزاكىرىدە مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك كېڭىشىش – دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم شەكلى ۋە يولىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خەلق سىياسىي كېڭىشى بەش يىلدىن بۇيان كېڭىشىش، نازارەت قىلىش، ھەمكارلىشىش، قاتنىشىشنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي بولۇپ، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي، قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئۇنىڭدا ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي ئەسلەنگەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش – دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت پىكىرنى تۈزۈپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا بويى ئىقتىسادىنى ئېچىۋېتىش، راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تېمىلارنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ۋاڭ ۋېي، چۆجۈپ، جۈرئەت مەمەتئىمىن، ھەلىمە قاتارلىق ئەزالار بەس – بەستە سۆزلەپ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى دوكلاتىغا تولۇق قوشۇلىمىز، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەكلىپ – پىكىر بېرىش، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىيە – نازارەتچىلىك، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇزاكىرە قىلىش فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇش، ئىلمىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر