- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تۈركمەنىستاندىن سودا پۇرسىتى ئىزدەش
2014.04.02 10:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، تۈنۈگۈن، تۈركمەنىستان ـ جۇڭگو (چىڭداۋ) ــ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق سۆھبىتى شياڭگېلىلا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تۈركمەنىستان توقۇمىچىلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قۇربان مامىدوف باشچىلىقىدىكى جۇڭگونى زىيارەت قىلىدىغان سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتكە قاتناشتى.
جۇڭگو ـ تۈركمەنىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ــ تېخنىكا ھەمكارلىق سەۋىيەسى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ھازىر نېفىت، توقۇمىچىلىق، قاتناش ۋە ئالاقە قاتارلىق ساھەلەرگىچە كېڭەيدى. نۆۋەتتە، چىڭداۋ دۆلەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» ئۇنىۋېرسال مەركىزىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركمەنىستاننىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى چىڭداۋدىكى كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چىڭداۋدىكى نەچچە ئونلىغان كارخانا تۈركمەنىستان بىلەن توقۇمىچىلىق، بايلىقتىن پايدىلىنىش، قاتناش ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ سودا پۇرسىتى ئىزدەۋاتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر