باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

ئېلىمىزنىڭ قازاقىستاندىن تۇرۇبا ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان نېفىت مىقدارى 50 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ

2013.01.06 13:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 2006 – يىلى ياتقۇزۇلغان جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسىدىن بۇ يىل 3 – نويابىرغىچە دۆلىتىمىزگە 32 مىليارد 154 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 49 مىليون 917 مىڭ توننا نېفىت كىرگۈزۈلگەن. مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىغىچە ئىمپورت مىقدارى 50 مىليون توننىدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

  جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى قازاقىستاننىڭ ئاتاسۇ بازىرىدىن باشلىنىپ، جۇڭگو – قازاقىستان چېگراسىدىكى ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئېلىمىزگە كىرىپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىگە تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ تۇرۇبا 2006 – يىلى 7 – ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، نېفىت ئىمپورت مىقدارى يىلدا %20 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا ئىمپورت قىلىنغان نېفىت 9 مىليون 337 مىڭ 200 توننىغا، سودا سوممىسى 7 مىليارد 556 مىليون دوللارغا يەتتى.

  غەربىي رايون تۇرۇبا شىركىتى ئالاتاۋ پورتى نېفىت باش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۈي لىمىن مۇنداق دېدى: ھازىر كۈنىگە تەخمىنەن 40 مىڭ توننا نېفىت كىرگۈزۈۋاتىمىز، بىز كۈندە چارلاپ، مەسىلە بايقالغان ھامان يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇپ، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالاتاۋ پورتىدىن مايتاغقىچە بولغان تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز.

  ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي چېن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ: تۇرۇبا يولىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا بىپەرۋارلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، شۇڭا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرۇبىنىڭ ئەھۋالىنى ھەرۋاقىت تەكشۈرۈپ، نېفىت توشۇشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە