باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككىنچى تۆمۈر يول لېنىيەسىدە پات ئارىدا مەخسۇس يۈك پويىزى قاتنايدىكەن

2012.12.19 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 17-دېكابىر ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككىنچى تۆمۈر يول لېنىيەسى ــ قورغاس پورتى تۆمۈر يول لىنىيەسىدە يۈك پويىزى قاتناش ئالدىدا ئىكەن، تۇنجى يۈك توشۇش مەخسۇس پويىزى جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭدىن شىنجاڭ قورغاس بېكىتىگە كەلگەندىن كېيىن، يۈك ۋاگونى ئالماشتۇرۇلۇپ داۋاملىق قازاقىستانغا توشۇلىدىكەن.بۇ ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋۈركى جۇڭگو ـ قازاقىستان ئالاتاۋ تۆمۈر يول پورتىغا تۇتاشقاندىن كېيىنكى ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلگەن يەنە بىر خەلقئارالىق تۆمۈر يول لېنىيەسى ھەمدە ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋىتىلگەن يەنە بىر «ئالتۇن يولى» بولۇپ قالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە تۇتاشتۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان شىنجاڭ جىڭ ـ غۇلجا ـ قورغاس تۆمۈر يولى (جىڭ دەرياسى ــ غۇلجا ـ قورغاس پورتى) شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول بولۇپ، شەرقتە لەنجو ـ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىدىكى جىڭ دەرياسى بېكىتىدىن باشلانسا، غەربتە جۇڭگو قازاقىستان چېگرا ئېغىزىدىكى قورغاس پورتىغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 286 كىلومېتىر.

  قورغاس پورتىنىڭ شىنجاڭ غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 70 نەچچە كىلومېتىر، قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 378 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەركىزى شەھەرلىرى بىلەن توشۇش ئارىلىقى ئەڭ قىسقا بولغان مۇھىم پورت ھېسابلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قورغاس پورتى تۆمۈر يول لىنىيەسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ پورت ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا ياۋروپاغا يۈزلەنگەن، تاشيول، تۆمۈر يول بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن خالقئارالىق قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت سودىسى ۋە ئېلىمىزنىڭ غەرب ئەللىرىگە ئېچىۋىتىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە