باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى قازاقىستان تەرەپ رايونى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ%90ى تاماملاندى

2012.12.17 17:05        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مەركەز» دېيىلىدۇ) قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ مەسئۇلى 14 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە مەركەزنىڭ قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر بىز تەرەپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ %90 ى تاماملاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونى بىلەن قازاقىستان تەرەپ رايونىغا ئايرىلىدىكەن، بۇ مەركەزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 1.85 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن، مەركەز رايونلىرى مەخسۇس يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

  مەركەزنىڭ قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ قازاقىستان تەرەپ رايونىغا قازاقىستانلىق سودىگەرلەر مەبلەغ سالغاندىن باشقا، نۇرغۇن رۇسىيەلىك ۋە بىلارۇسىيەلىكلەر مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىۋاتىدۇ.ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى قورغاس ۋوگزالىنىڭ باشلىقى سۇڭ لىباۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 22 - دېكابىر قورغاس - ئالتۇنكۆل تۆمۈريولىدا سىناق تەرىقىسىدە پويىز قاتنايدۇ، ۋوگزالىمىز بۇنىڭغا تولۇق تەييارلىنىپ بولدى.

  ئەسقەت كەرىمباي مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەركەز قۇرۇلۇشى باشلانغان يەتتە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئاساسەن پۈتۈپتۇ، پىلان تۈزۈش، سودىگەر جەلپ قىلىپ، مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپتۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلاردىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلىپتۇ.

  ھازىر مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 18 نۇقتىلىق تۈر ھەمكارلىق مەركىزىدە ماكانلاشتى، بۇ تۈرلەر تاۋار كۆرگەزمىسى، مېھمانساراي - مېھمانخانا، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، سودا ئەسلىھەلىرى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. چىڭخۇا خەلقئارا سودا مەركىزى، سۇشىن مەركىزى قاتارلىق 14 تۈرنىڭ قۇرۇلۇشىغا 2 مىليارد 241 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، جياڭيۈەن دەۋر مەيدانى، جۇڭكې ئامبار ئۇسلۇبىدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىق تىجارەت باشلاش شارائىتى ھازىرلانغان تۆت تۈردە كېلەر يىلى مەركەزلىك تىجارەت باشلىنىدۇ.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە