خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) تاڭزۇڭزا چاغىنى يېتىپ كېلىشى بىلەن باي ناھىيەسىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى، مەشھۇر ئاسارئەتىقە ئورۇنلىرى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن قاينام-تاقىنلىققا تولدى. قىزىل مىڭئۆيى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ تاشكېمىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ جاي مۇھىتى گۈزەل، داڭلىق قەدىمىي ئاسارئەتىقە ساياھەت ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەرگە ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچى 400-500 گىچە يېتىپ، ساياھەتچىلەر بۇ داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ سېھرى كۈچىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى