يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسى نىڭگو شەھىرىنىڭ شەنمېن غارى ئاستىدا 90 ياشتىن ئاشقان ئىككى ياشانغان كىشى بىر-بىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقان ھالدا: ‹‹70 يىل بولدى ...›› دەپ، كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلىرىنى تۆكۈشتى، بۇ ئىككىيلەن ۋاڭ يەنجۇ بىلەن چېن فۇسېن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مايكىسىغا ‹‹ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىكى كونا ئەسكەر، مىللەتنىڭ ئومۇرتقىسى›› دېگەن خەتلەر يېزىقلىق ئىدى.
بۇ كۈنى ئۇلارنىڭ قوشۇنغا قاتنىشىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەن يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە بەل باغلىغان كۈنى بولۇپ، بۇ ئىشقا نەق 73 يىل بولغان ئىدى. (جاڭ رۇي فوتوسى)