خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) شىنجاڭ «فايسال» ئۆي مۈلۈك ئېچىش چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، 2015- يىللىق شىنجاڭ «فايسال لوڭقىسى» ياش ئۆسمۈرلەر شەھەرلەر ئارا پۇتبول مۇسابقىسى 25 – ماي ئۈرۈمچىدە باشلاندى. تۇنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە تۇرپان پىچان ناھىيەسى كوماندىسى 2:0 نەتىجىدە شىئەن كوماندىسىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 2:1 نەتىجىدە غۇلجا شەھىرى 7 – باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ئۇتتى.
سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش
مەنبە: خەلق تورى