باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.05.11 09:16   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ماي موسكۋادا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى ھەم ۋەتەن ئۇرۇشىدا قان كېچىپ كۈرەش قىلغان رۇسىيەنىڭ 18 پېشقەدەم جەڭچىسى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا خاتىرە مېدالى تارقاتتى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، گۈزەل كېلەچەك بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. نەق مەيداندىكى رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن پېشقەدەم جەڭچىلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئىككى دۆلەت خەلقى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستلۇقىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىرلىكتە گۈللىنىشكە قاراپ داۋاملىق مېڭىشى كېرەك.

  غالىيىف رۇسىيەنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلىرىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە-جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تىنچلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تۇنجى قېتىم توردا تىزىملىتىشنى يولغا قو…
      ·57 دۆلەت ئاسىيا ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇش مۇددىئاسى بار ئەزا دۆلەتكە ئايلاندى
      ·جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات «تېز پويىزى» ئارقىلىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككى…
      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …