دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ماي موسكۋادا رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ماي موسكۋادا رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. 40 نەچچە رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىس ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى جۇڭگو خەلقى ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرى ياردەم قولىنى سۇنغان. 1978-يىلدىن ھازىرغىچە، نۇرغۇنلىغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى. بۈگۈن بۇ يەردە ئولتۇرغان ۋەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى-ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئەلچىلىرى. مەن بىزنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىغا بىرلىكتە ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە جۇڭگوغا ياردەم بەرگەن بىر نەچچە مۇتەخەسسىسنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى، ئالاھىدە يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەسى، جۇڭگو خەلقىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار، مەن جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ بەرپاچىلىرى، ۋارىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەڭ سەمىمىي مىننەتدارلىقنى بىلدۈرىمەن.