ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى، خەۋىرى؛ قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى ھۆپئېغىل كەنتىگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن كادىر، قاراقاش ناھىيەلىك يول – ترانسىپورت ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئادىل مۇھەممەد كەنتكە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا كەنتتىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان 62 ياشلىق دېھقان مەتتوختى جامالنىڭ كۆزىگە ئاق چۈشۈش سەۋەبىدىن 2003 – يىلىدىن باشلاپ ئوڭ كۆزى، 2009 – يىلى سول كۆزى پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ داۋالاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزى باشلامچى بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوست – بۇرادەرلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، 50 مىڭ يۈەن يىغىپ يېقىندا ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ داۋالاتتى. 13 – يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا قىلىنغان كۆز ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن مەتتوختى جامالنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، قايتىدىن يورۇقلۇقنى كۆردى. خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ئادىل مۇھەممەد ماڭا يەنە توي چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ، مەتتوختى جامالنىڭ ئوغلىنى ئۆيلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (سۈرەتتە: ئادىل مۇھەممەد (سولدىن 2 - كىشى) دوختۇرخانىدا مەتتوختى جامالنىڭ كۆزىنى دوختۇرغا كۆرسەتمەكتە.)