خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 4-يانۋار، ئەنگىلىيەنىڭ بىر يۈك پاراخوتى، ۋايت ئارىلىدىكى پورت ئېغىزىدا پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پاراخۇتتىكى بىر خىزمەتچى جېنىنى ئېلىپ قېچىش جەريانىدا پۇتى يارىلانغان، پاراخوتتىكى 25 نەپەر ئادەم ھەممىسى قۇتقۇزۋېلىنغان. ھازىرغىچە، پاراخوتنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.ئىگىلىنىشچە، بۇ غايەت زور يۈك پاراخوتى جەنۇبى خەمپتۇندىن يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا توسمىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، مېخانىكىلىق كاشلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ۋايت ئارىلىغا يىراق بولمىغان تېيىز سۇدا، پاراخوت گەۋدىسى 45گرادۇس قىيسىيىپ قالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى