- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەن جىۋېننىڭ سۈرىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ «بالا ئەسكەرلەر» تەشكىللىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
2013.07.26 17:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئۈستۈن مەسىلىلەر ۋەكىلى كونىستانتىن.دولگوۋ سۈرىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى سۈرىيەدە «بالا ئەسكەر» ئارقىلىق، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك، دەپ قارىدى.
دولگوۋ ھۆكۈمەت تورىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار