- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ گۇاڭمىڭ يولىدىكى بىر تورتخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
2013.07.25 17:24 مەنبە: خەلق تورى
 |
شەھەرلىك 119ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قوماندانلىق مەركىزى |
خەلق تورىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن (24-چىسلا) ئەتىگەن سائەت 7دىن33مىنۇت ئۆتكەندە،شەھەرلىك 119ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قوماندانلىق مەركىزى شەرقىي شەھەر رايونى گۇاڭمىڭ يولى جىنفېڭ چېڭشياڭ تورتخانىسىدا يېقىلغۇ گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالدى.
قوماندانلىق مەركىزى دەرھال 2 ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى،9 ئوت ئۆچۈرۈش ماشنىسى ئەۋەتىپ، ئوت ئۆچۈردى ھەمدە 120جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكىلەرنىڭ يارىلانغان 8 كىشىنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملەشتى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىلىرى تورتخانىدىن 50 كېلوگراملىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭىدىن 2نى ئېلىپ چىقتى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە كېلىپ چىققان زىيان تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار