باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شاڭخەي جىجۇنىڭ ئەڭ چوڭ چەتئەل ساياھەتچىلىرى بازىرى بولۇپ قالدى

2013.07.23 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جىجوۋ ئارىلى تەشۋىقات سۆرەتى
  خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە جىجۇ داۋ ھۆكۈمىتى 21-ئىيۇل بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە خەلقئارا پوچتا پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، شاڭخەيدىن جىجۇغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 107مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلى شۇ مەزگىلدىكى 32مىڭ ئادەم قېتىمىنىڭ 3.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەنلىكىنى، شاڭخەيدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جىجۇغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 60مىڭ ئادەم قېتىمغا يىتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 45مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پوچتا پاراخوتىغا ۋە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جىجوۋغا ساياھەتكە بارغان شاڭخەيلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 168مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، چەتئەلدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار