خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ۋاي ۋۇي، سېرىقى قوشتىن يەنە بىرى چىقتى»، «ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، يەنە بىرنى سويۇپ بېقىڭە»، «ھا...ھا...،يەنىلا سېرىقى قوش تۇخۇمكەن» 7-ئاينىڭ 11-كۈنى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭيى يولى شەرقىي كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق شياۋ يەن بىلەن شىن شۈخې ئەر ئايال ئىككىسى سېتىۋالغان ھاك بىلەن پۇشۇرۇلغان 8 تۇخۇمنىڭ ھەممىنى بىرى بىردىن سويۇپ چىقىۋىدى، ھەممىسىنىڭلا سېرىقى قوشكەن.
«بۇ ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇملارنى مەن تۆنۈگۈن كۆكتات بازىرىدىن تاللاپمۇ ئولتۇرماي، مۇشۇنداقلا ئالغان» دېدى 63 ياشلىق شياۋ يەن:« ھەممىسىنىڭلا سېرىقىنىڭ قوش چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، ئۆزۈمنى بەك ئامەتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن».
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات ئىلىمى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى لى خەييىڭ مېكيان تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھورمۇنى كۈچلىنىپ كەتكەن بولسا، تۇخۇم قوش سېرىقى ئوتتۇرا ئالدىنقى مەزگىلدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن،لېكىن تۇخۇمنىڭ سېرىقى قوش چىقىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ، دەپ تونۇشتۇردى.
مۇخبىر: خۇاڭ شىنشۈەن
مەنبە: خەلق تورى