7-يانۋار سەھەردە، كوماندىر-جەڭچىلەر قالدۇق ئوتلارنى ئۆچۈرمەكتە. 6-يانۋار سائەت 20:30 مىنۇتلار ئەتراپىدا، شاڭخەي شەھىرى لۇنەن يولىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار نەق مەيدانىغا يىتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى، تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن ئوت كونترول قىلىندى. بۇ ۋەقەدە بەش ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلاندى، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى، مۇخبىر خەۋەر تارقاتقۇچە كوماندىر-جەڭچىلەر يەنىلا ئۆيمۇ ـ ئۆي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېي شىن فوتوسى)