- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


روسىيە خاككېرلىرى خەلقئارا خاككېرلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشتى
2013.11.19 19:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە ئاۋازى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 نەپەر روسىيەلىك پروگرامما تۈزگۈچىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر كوماندىسى ئامېرىكا سان جوسې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بېيباۋ خاككېرلار مۇسابىقىسى» خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار موسكۋا، بېرلىن، لوندون، نيۇيورك، تېلئاۋىف، سېئاتىل، مېئامى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن 24 سائەت ئىچىدە مۇتلەق يېڭى، بېيباۋ ئارقىلىق پۇل تۆلەش سىستېمىسى مۇلازىمەت تۈرىنى يۈزگۈزۈش تەلەپ قىلىنغان. روسىيە كوماندىسى تېگىشسىز پۇل تۆلەش شەكلىدىكى كۆچمە پۇل تۆلەش زاپچاسى ۋە DonateNow قول تېلېفون مۇلازىمىتى ئارقىلىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، روسىيە كوماندىسى خاككېرلار مۇسابىقىسىدە 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق مۇكاپاتقا ۋە پالتا سوۋغىسىغا ئېرىشكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر