خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27 -يانۋار، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:26-يانۋار، شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدىكى مەلۇم ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ماشىناغا ماي قاچىلىماقتا.
شۇ كۈنى،دۆلەت تەرەققىيات-پىلان كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر توننا بېنزىن ۋە دىزېلنىڭ باھاسىنى 365 يۈەن ۋە 350 يۈەنگە چۈشۈرۈش قارارىنى ئېلان قىلدى. مۆلچەرلىنىشچە 90 نومۇرلۇق بېنزىن بىلەن 0 نومۇرلۇق دىزېلننىڭ پارچە سېتىش باھاسى ھەر بىر لىتىر 0.27يۈەن بىلەن 0.30 يۈەنگە چۈشۈپ قالغۇدەك، باھانى تەڭشەپ بېجىرىش ۋاقتى26-يانۋار سائەت 24 دە.بۇ قېتىم باھا چۈشۈشدىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدە تەييار ماينىڭ باھاسى «ئون ئۈچ قېتىم چۈشۈش»نى كۈتۈۋالدى.جۇڭگودىكى كۆپ ئۆلكە شەھەرلەردە 93نومۇرلۇق بېنزىن «5 يۈەن دەۋر »گە ئومۇميۈزلۈك كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتتى (ۋېي لياڭ فوتوسى )
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى