- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ مالىيە–پۇل مۇئامىلە تورى رەسمىي قۇرۇلدى
2013.12.17 13:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
چىن يۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى باشقۇرىدىغان شىنجاڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە تورى يېقىندا ئېچىلدى. شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تور بېكىتىنى ئاچتى. بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى 30دىن كۆپرەك مېھمان تور بېكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا شاھىت بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلغان شىنجاڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە تورى پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئېچىش، پۇقرالارنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق توردىكى ۋە توردىن سىرتقى مۇلازىمەت مەزمۇنىنى بىر گەۋدە قىلغان، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نى تايانچ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارنى ۋاسىتە، گېزىت، تور، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئىنتېرنېت تورىنى بىر گەۋدە قىلغان ئومۇميۈزلۈك، نوپۇزلۇق كەسپىي پۇل مۇئامىلە مال – مۈلۈك ئۇچۇر سەھنىسى.
شىنجاڭ مالىيە – پۇل مۇئامىلە تورىنىڭ ئادرېسى ‹‹cj.com–www.xj//:htt››، تور ئەھلى يەنە شىنجاڭ گېزىتى تور بېكىتىگە كىرىپ، ئۇلىنىشنى چېكىپ بۇ تور بېكىتىگە كىرسىمۇ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر