- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تيەنماۋدا «11-ئاينىڭ 11-كۈنى» ئالتە مىنۇتتا سودا سوممىسى 1 مىليارد يۈەنگە يەتكەن
2013.11.11 15:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «11-ئاينىڭ 11-كۈنى» كەلدى! مۇخبىرنىڭ ئالى گۇرۇھى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتىن ئىگىلىشىچە، ئەرزانلىتىپ سېتىش باشلانغان 55 مىنۇتتا، تور سودىسى ئارقىلىق كىرگەن سومما 100 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان. ئالتە مىنۇت يەتتە سېكونت بولغاندا پۈتۈشۈش سوممىسى 1 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇسانلىق مەلۇمات شياڭگاڭنىڭ 9-ئايدىكى كۈندىلىك پارچە سېتىش ئومۇمىي كىرىمىدىن ئاشقان. ئىگىلىنشىچە، بۇلتۇرقى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 37 مىنۇتتا بولغان سودىدىن يېرىم سائەت تېز بولۇپ، يەنە رېكورت ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يانفوندا سېتىۋالغۇچىلارمۇ يېڭى رېكورت ياراتقان. ئالدىنقى بىر مىنۇتتا 2 مىليۇن ئابونت يانفون ئارقىلىق 4 مىنۇت 10 سېكونت ئىچىدە پۈتۈشكەن سودا سوممىسى 100 مىليۇن يۈەندىن ئاشقان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر