لوندوندىكى مۇقەددەس جامىس باغچىسىنىڭ غەرب تەرىپىدە بىر ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش بار، بۇ دەل مەشھۇر ھەم سىرلىق خان ئوردىسى بۇككىنھام ئوردىسىدۇر. بۇككىنھام ئوردىسىنى 1705 – يىلى كىنەز بۇككىنھام سالدۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان، 1726 – يىلى ئىمپېرىيە خاتىرە زالى، سەنئەت كۆرگەزمە زالى، ئىشخانا ۋە خەزىنە قىلىپ ئىشلىتىلگەن، 1825 – يىلى ئوردا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1837 – يىلى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە تەختكە چىققاندىن باشلاپ رەسمىي ئوردا قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ئايال پادىشاھ ئېلزابىت ۋە خان جەمەتى ئەزالىرى ھازىر مۇشۇ ئوردىدا تۇرىدۇ. ئايال پادىشاھ باش ۋەزىر ۋە ۋەزىرلەر بىلەن كۆرۈشۈش، چەت ئەل باشلىقلىرىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ.
بۇككىنھام ئوردىسىدا 600 دىن ئارتۇق زال بولۇپ، نۇرغۇن رەسىم ۋە قىزىل ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرى ساقلانغان، سەنئەت سارىيىنىڭ ئىچىگە ئەنگلىيە تارىخىدىكى پادىشاھ ۋە خانىشلارنىڭ 100دىن ئارتۇق رەسىمى ئېسىلغان ۋە يېرىم بەدەن ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، كىشىگە 18 –، 19 – ئەسىرلەردىكى قويۇق ئېنگلادچە پۇراقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئوردا ئالدىدىكى مەيداندا ئايال غەلىبە ئىلاھى ۋە ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيەنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى بار. پادىشاھ ئېلزابىتⅡ بۇ ئوردىدا ئەڭ ئۇزاق تۇرغان ئايال پادىشاھ بولۇپ، 1936 – يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن تارتىپ تاكى 1947 – يىلى ياتلىق بولغانغا قەدەر ئۇ سىڭلىسى ماجارى مەلىكە بىلەن ئۈچىنچى قەۋەت ئىشىكنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قەسىردە تۇرغان. بەش يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە پادىشاھلىق سالاھىيىتى بىلەن بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن شىمال تەرەپتىكى ئىككىنچى قەۋەتتە تۇرغان، بۇ يەر ئىلگىرى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى تۇرغان ھۇجرا ئىدى.
ئوردا ئايال پادىشاھنىڭ شەخسىي ئۆيى بولۇپلا قالماي ھەم ئۇنىڭ ‹‹ئائىلە››سىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىدۇر. ئايال پادىشاھنىڭ تۇرالغۇ رايونى ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىر بۆلىكى خىزمەت رايونى يەنى ۋەزىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە خىزمەت بېجىرىدىغان ئۆيى بار. يەنە بىر بۆلىكى ئۇنىڭ ئاشخانىسى، ياتاق ئۆيى، تازىلىق ئۆيى ۋە كىيىم ساقلاش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئوردا ئىچىدىكى ئۆي جاھازىلىرى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ تۇرمۇشى ئۇنچىۋالا باياشات ۋە ھەشەمەتلىك ئەمەس. ئايال پادىشاھنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە ئۆي تېمىغا ئېسىلغان ياۋروپادىكى داڭلىق رەسساملارنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان رەسىملەر بولۇپ، بۇ تامغا داڭلىق رەسساملار سىزغان رەسىملەر نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇلۇپ ئېسىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇككىنھام ئوردىسىنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ھەشەمەتلىك قىسمى ياز پەسلىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، ئاۋام ۋە ئاددىي پۇقرالارنى سىرلىق خان ئوردىسىنى تاماشا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.