- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يەر شارىدا ھەر يىلى پارىخورلۇق، چىرىكلىشىش سەۋەبىدىن بىۋاسىتە كۆرۈلىدىغان زىيان 200 مىليارد دوللارغا يەتتى، دېدى
2016.05.13 14:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ (IMF) 11-ماي ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پارا ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا كەلتۈرىدىغان بىۋاسىتە زىيىنى 150 مىليارد دوللاردىن 200 مىليارد دوللارغىچە بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدىنىڭ %2نى ئىگىلەيدىكەن.
دوكلاتتا ھەر قايسى دۆلەتلەر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېنىق قانۇن كاپالىتى ئورگىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادقا ئارتۇقچە ئارىلىشىشنى ئازايتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىملىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر