- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئوغۇل دوستى «11-نويابىر» توردا مال سېتىۋېلىشقا يول قويمىغانلىقتىن، چېڭدۇلۇق قىز 100 پارە ئاياغ سېتىۋالغان
2013.11.19 14:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە «11-نويابىر» ئۆتۈپ كەتكىنىگە بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن مال سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. 26 ياشلىق چېڭدۇلۇق قىز ۋاڭ يۈەن ئوغۇل دوستنىڭ «11-نويابىر» توردىن مال سېتىۋېلىشغا يول قويمىغانلىقى سەۋەبلىك، 15-نويابىر چۈشتە ۋۇخۇدىكى بىۋاستە ئاياغ سېتىش شەھەرچىسىگە كېلىپ، بىر ۋاقىتتىلا 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە ، ھەر خىل پاسوندىكى ئاياغدىن بىراقلا 100 پارە سېتىۋالغان. ۋاڭ يۈەن بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي، ئۆزىنىڭ «جەڭ غەلىبىسى»نى كۆز ـ كۆز قىلىش ئۈچۈن ئالغان ئاياقلىرىنى خىزمەتچى خادىملارغا ئالغان ئاياقلىرىنى بىر پارا ـ بىر پارىدىن ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا چاپلىتىپ بولغاندىن كېيىن كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر