باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

تېمىتىدىغان كۆز دورىسى بىخەتەرمۇ ؟

2012.12.24 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا توردا كۆزگە تېمىتىدىغان دورىنىڭ تەركىبىدە چىرىشتىن ساقلىنىدىغان ماددىنىڭ بارلىقى، بىخەتەر ئەمەسلىكى بايان قىلىنىپ، ئاممىنىڭ گۇمانىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. مۇخبىرلار بۇ ئىش ئۈستىدە دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنى زىيارەت قىلدى. بۇ خادىم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :« دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، بازارغا سېلىنغان تېمىتىدىغان كۆز دورىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا باكتىرىيە توسقۇچ، يەنى چىرىشتىن ساقلىغۇچ بار بولۇپ، ئادەتتە مىقدارى ئونمىڭدىن بىردىن ئونمىڭدىن ئىككىگىچە بولىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، كۆز دورىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا مىكرو جانلىقلار تەرىپىدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن كۆز دورىسى سۇيۇقلۇقىغا، بولۇپمۇ مىقدارى كۆپرەك بولغان، قايتا-قايتا ئىشلىتىلىدىغان دورا سۇيۇقلۇقىغا باكتىرىيە توسقۇچ قوشۇلۇشى زۆرۈر ئىكەن. بۇ مەسئۇل خادىم كۆز دورىسىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزى ۋە دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسىگە قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە