مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى «تەشكىللىك تېررورلۇق قىلمىشى» دېدى

2023.01.04 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى سۇلايماننىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئۈچ يىل بولغان پەيتتە، ئامېرىكا پىلانلىغان ۋە يولغا قويغان سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى جىنايى قىلمىش، «تەشكىللىك تېررورلۇق قىلمىشى» دېدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، سۇلايمان ئىراقتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭغا قارىتىلغان «تېررورلۇق ھۇجۇمى»نى پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپىغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلدى.

  ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىران قانۇن، سىياسەت ۋە دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، لېكىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى «بۇ دېلونى قانۇن جەھەتتىن سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىگە توسقۇنلۇق قىلىش»قا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.

  2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق باغداد خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ سىرتىدا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت ئەترىتى قارىمىقىدىكى «مۇقەددەس شەھەر بىرىگادىسى»نىڭ قوماندانى سۇلايمان قاتارلىقلارنى ئۆلتۈردى. ئىران تەرەپ ئامېرىكىنىڭ سۇلايماننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، «دۆلەت تېررورلۇقى» ھەرىكىتى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ