مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ راكېتا بومبا ھۇجۇمىدا رۇسىيە ئارمىيەسىدىن 63 ئادەم ئۆلدى، دېدى

2023.01.04 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوناشېنكوف 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق دېدى: دونېتسكى رايونى ماكيېۋكا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ نۇقتىسى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، رۇسىيە تەرەپتىن 63 ئەسكەر ئۆلدى.

  كوناشېنكوف شۇ كۈنى ھەر كۈنلۈك ئۇرۇش ئەھۋالىنى ئېلان قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەگە ئالتە دانە «خايماس» ناملىق كۆپ ستۋوللۇق راكېتا ئوقى ئاتتى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى راكىتا بومبىسىنى توسۇۋالدى، پارتلىتىش ئوق بېشى بار تۆت راكىتا بومبا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ نۇقتىسىغا چۈشۈپ، 63 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رۇسىيە «ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بارلىق زۆرۈر ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ».

  كوناشېنكوف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللارنى ئىشلىتىپ دونېتسكى رايونى ۋە خاركوۋ ئىشتاتىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر نۇقتىسى رايونىدىكى ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى قىسىملىرىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا زەربە بېرىپ، 70 نەچچە چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرنى يوقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسىيە ئارمىيەسى خاركوۋ ئىشتاتىنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنىنى قوغداش لۈيىگە زەمبىرەك بىلەن زەربە بەردى، ئۇكرائىنا تەرەپتىن 30 ئەسكەر، ئىككى برونېۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئۈچ ئاپتوموبىل چىقىم بولدى؛ لىيمان يۆنىلىشىدە، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ 40 نەچچە ئەسكىرى، ئۈچ برونىۋىك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى؛ دونېتسكى تەرەپتە ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ 70 ئەسكىرى، تۆت پىيادە ئەسكەرلەر ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە بەش ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى؛ دونېتسكىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئۇكرائىنا تەرەپتىن 40 نەچچە ئادەم، ئۈچ برونىۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى يۈك ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى.

  ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يازما ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتىن 2-كۈنى سەھەرگىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قوزغىدى. ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە كۆچمە ھاۋا مۇداپىيە ئوت كۈچى قايتۇرما زەربە بېرىپ، جەمئىي 39 ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئىككى ئۇچقۇچىسىز رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

  ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ شەھىرىدىكى ھەربىي تەرەپ 2-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا جەمئىي 22 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بۇ شەھەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. كىيېۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى كلىچكو شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ھاۋا ھۇجۇمىدا زىيانغا ئۇچرىغانلىقتىن، بۇ شەھەردە جىددىي توك توختاپ، قىسمەن پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ توكى ئۈزۈلۈپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ