مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كانادانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پىچاقلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلدى

2022.09.05 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  كانادا ساقچى تەرەپ 4-چېسلا مۇنداق دېدى: مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ساسكاتچېۋان ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 4-چېسلا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلدى، ئاز دېگەندە 15 ئادەم يارىلاندى. ساقچىلار ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئىز قوغلىماقتا.


  كانادا خان جەمەتى ئاتلىق ساقچىلىرى 4-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى سائەت 5:40 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، ساسكاتچېۋان ئۆلكىسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ساقچى تەرەپ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى ئارقا-ئارقىدىن تاپشۇرۇۋالدى. ساقچىلار ئارقىدىنلا بۇ ئۆلكىدىكى 13 جايدا 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقىدى، يەنە ئاز دېگەندە 15 يارىدار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.


  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئىككى ئەر پىچاقلاش ھۇجۇمىدىن كېيىن ئارقىدىن ماشىنا بىلەن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنى ئىز قوغلىماقتا.


  ھازىر، ساسكاتچېۋان ئۆلكىسى ئۆلكە بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەن، ئارقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى مانىتوبا ئۆلكىسى بىلەن ئالبېرتا ئۆلكىسىگە كېڭەيتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن رايون جىددىي ھالەتكە كىرگەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ