مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىدا 7 بال يەر تەۋرەپ، 4 ئادەم ئۆلدى، 60 ئادەم يارىلاندى

2022.07.28 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىلىپپىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بېنجامىن ئاۋالوس 27-چېسلادىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، لۇزون ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى 7 بال يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە تۆت ئادەم ئۆلۈپ، 60 ئادەم يارىلانغانلىقىنى دەلىللىدى.

  فىلىپپىن يانارتاغ پارتلاش-يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 8 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە) يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەركىزى ئابلا ئۆلكىسىدىكى تايۇم بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىر كېلىدىكەن. پايتەخت مانىلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان لۇزون ئارىلىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تەۋرەش سېزىمى بولدى، ئابلا ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىكى ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى، نۇرغۇن يوللار ۋاقتىنچە تاقالدى.

  فىلىپپىن يانارتاغ پارتلاش-يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش تۈزۈلمىلىك يەر تەۋرەش بولۇپ، كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، نەچچە قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.

  جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جىددى تاقابىل تۇرۇش مېخانىزىمىنى يولغا قويدى، كېيىنكى ئەھۋاللارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، فىلىپپىندىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى كونسۇلخانا قوغدايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ . نۆۋەتتە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىدى.

  فىلىپپىن تىنچ ئوكياننى چۆرىدىگەن يانارتاغ پارتلاش-يەر تەۋرەش بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ