مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوف پۇتىننىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2022.06.28 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 27-ئىيۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ياردەمچىسى ئۇشاكوۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، لېكىن كونكرېت شەكلى يەنىلا بېكىتىلىۋاتىدۇ.

  ئۇشاكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، پۇتىن موسكۋادا ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋىدودو بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە ئاشلىق، خىمىيەۋى ئوغۇت ئېكسپورت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  ئۇشاكوف يەنە كاسپى دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، پۇتىننىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف ۋە ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە تۈركمەنسىتان زوڭتۇڭى ۋە پارلامىنت يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف پۇتىننىڭ 29-ئىيۇن تۈركمەنىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا تور سىرتىدا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، پۇتىننىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى ئىكەن. ئۇشاكوف يەنە رۇسىيەنىڭ 10-ئايدا كاسپىي دېڭىزى ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇشاكوف روسىيەنىڭ كالىنىنگىراد ئوبلاستىغا چىگرىدىن ئۆتۈشىدە توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش تەدبىرىنى تۈزىۋاتىدۇ، كېيىنكى نەچچە كۈندە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ