مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق زومىگەرلىكى جەنۋەدە قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى

2022.06.27 20:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى ئامېرىكا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كەلگەن تۇنجى يىل، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتىپ كەلگەن ئامېرىكا جۇڭگو قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرگە قارا چاپلاش، ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. ئامېرىكا قوش ئۆلچەم ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئاساسىدا باشقا دۆلەتلەرگە قول شىلتىدى، ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق زومىگەرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا كەڭ دۆلەتلەرنىڭ قەتئىي ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

  جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قىلىپ، يوقىلاڭ شىكايەتلەردىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. يىغىن سىرتىدا، بەزى غەرب دۆلەتلىرى قوللىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارمۇ چۇقان كۆتۈردى. بۇنىڭغا جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قەتئىي قايتۇرما زەربە بەردى.

  جۇڭگو ۋەكىلى سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىدە ساقلانغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پىسەنت قىلماي، ئەكسىچە سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، يەنە بىر قېتىم يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  جۇڭگو ۋەكىلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 100 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، خەلقئارا تەشكىلات ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار ۋە دىنىي زاتلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى، «ئومۇمەن شىنجاڭنى زىيارەت قىلىپ باققان چەت ئەللىك زاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى غەرب سىياسەتۋازلىرى، تاراتقۇلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، دەپ قارىدى».

  ئارقىدىن، 100گە يېقىن دۆلەت يىغىندا ئورتاق پىكىر بايان قىلىش ياكى ئايرىم پىكىر بايان قىلىش قاتارلىق ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى چۈشىنىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە كۇبا 70 كە يېقىن دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى دەپ كۆرسەتتى؛ شىنجاڭ، شياڭگاڭ، شىزاڭ ئىشلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇشقا، ئىنسانىي ھوقۇقنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ