مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ دوكلاتى: دۇنيا 21-ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۇرمۇش تەننەرخى كىرىزىسىگە دۇچ كەلدى

2022.06.10 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  ب د ت يەر شارى ئاشلىق، ئېنىرگىيە ۋە پۇل مۇئامىلە كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش گۇرۇپپىسى 8-چېسلا دوكلات ئېلان قىلدى، دوكلاتتا ئوكرائىنا توقۇنۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا 21-ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۇرمۇش تەننەرخى كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، دېيىلدى.


  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دۇنيا ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت بازىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەچكە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇشى ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر بىللە ھۇجۇمنىڭ يېتىپ كېلىشى دەل پۈتۈن يەر شارىدا يېڭى تاجسىمان يۇقۇم ئەھۋالى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى كىرىزىسىگە ئۇدۇل كېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن خىرىسنى كۈچەيتىۋەتتى.


  دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر باھا زەربىسى تۇرمۇش تەننەرخى كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق باھا كۆرسەتكۈچى ھازىر تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.8 ئاشتى؛ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ ھەل بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئېنېرگىيە بازىرىدىكى داۋالغۇش كۈچەيدى، 2022-يىلى ئومۇمىي ئېنېرگىيە باھاسى بۇلتۇرقىدىن %50 ئۆسۈشى مۇمكىن؛ خىمىيەۋى ئوغۇت باھاسى 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەنى بىر قاتلىشى مۇمكىن؛ دېڭىز ترانسپورت باھاسى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇرۇنقىدىن ئۈچ ھەسسە ئۆرلىدى، بۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئارىسالدى بولۇشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى، خەلقئارا قەرز بېرىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەرنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى كىرىزىسنىڭ يەتكۈزۈش ئېففېكتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوكلاتتا مىسال كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: يۇقىرى يېقىلغۇ ۋە خىمىيەۋى ئوغۇت باھاسى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋەتتى، بۇ بەلكىم يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ مالىيەسى قىسقىراپ، نامراتلىق ئېغىرلىشىشى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەمدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ