مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇمىنى دوكلات قىلدى، ھوشيار بولۇڭلار!

2022.06.10 14:17 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، سان تومې ۋە پرىنسىپې، بىرازىلىيە، فىلىپپىن، سىنگاپور، ۋىيېتنام، بېرما، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، تاموژنا باش مەھكىمىسى يېقىندا ئەڭ يېڭى ئەسكەرتىشنى ئېلان قىلىپ «دېنگې قىزىتمىسى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇردى..


  دېنگې قىزىتمىسى دېنگې ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىي خاراكتېرلىك پاشىنى ۋاسىتە قىلغان تارقىلىشچان كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى مىسىر ئېدېس پاشىسى ياكى ئېدېس ئالا پاشىسىنىڭ چېقىشى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى جىددىي بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە قىزىشتىن يۇقىرى قىزىتمىغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېغىر دەرىجىدە باش ئاغرىش، مۇسكۇل ۋە بوغۇم ئاغرىش ھەمدە ئەسۋە چىقىش، يۈز، بويۇن، كۆكرەك قىسمى قىزىرىش، ئېغىر بولغاندا شوك ياكى باشقا مۇھىم ئەزالار زەخىملىنىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


  شۇڭا، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، تاموژنىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان دۆلەت (رايون) لاردىن كەلگەنلەرنى كارانتىن قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىنورمال قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مەلۇم قىلىشنى نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك پاشا يوقىتىش ئىسپاتى بولمىغان ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىغا قارىتا، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇنلاردىن بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھاشارات بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېنگې قىزىتمىسى بىلەن يۇقۇملانغان پاراخوتلارغا قارىتا، ھاشارات بىر تەرەپ قىلىشنى تاماملاشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە باشقا پاراخوتلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ 400 مېتىردىن كەم بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.


  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىقى دۆلەت (رايون) لەردىن كەلگەن كېمە-پاراخوت، يۈك ساندۇقى، مال، يۈك-تاق، پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما قاتارلىقلارنى كارانتىن قىلغاندا، تاموژنا باش مەھكىمىسى پاشىلارنى بايقىغاندا، جەزمەن بەلگىلىمە بويىچە ھاشارات يوقىتىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى قاتتىق نازارەت قىلىشنى ھەم پورت رايونىدا پاشىلارنى كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، پورت تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ پاشا كۆپىيىدىغان جايلارنى تازىلىشىغا نازارەت قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.


  تاموژنا باش مەھكىمىسى يەنە چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ خەۋپ-خەتەرگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، پاشا چېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلىشىنى، چېگرادىن كىرىپ-چىقىش جەريانىدا قىزىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل ۋە بوغۇملار ئاغرىش ھەم ئەسۋە قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، قاتناش قورالى خادىملىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشىنى، سالامەتلىك مەلۇم قىلغاندا تاموژنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىپ، تاموژنا سەھىيە كارانتىن خادىملىرىنىڭ كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ تېزدىن داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئەسكەرتتى .



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ